شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكترون
پەن
-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2007-يىلى 4-ئايدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان، مائارىپ تۈرىدىكى
ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە
سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئېلېكترون پەن-تېخنىكا كارخانىسى.
شىركىتىمىز ئىككى يىلغا يېقىن
ۋاقىت تەييارلىق قىلىش، تەتقىق قىلىش، ماتېرىيال تۈزۈش ئارقىسىدا
2007- يىلى 10- ئايدا شىركەتنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى بولغان «مۇئەللىم» ماركىلىق ئېلېكترون لۇغەتنى ئىشلەپ بازارغا سالدى.
بۇ ئېلېكترون لۇغەتكە
ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۈچ خىل تىللىق، 9 يۆنىلىشلىك لۇغەت
كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي سۆزلۈك مىقدارى 1 مىليۇن 500 مىڭدىن
ئاشىدۇ. سۆزلۈك ئىزدەش مۇھىتى مۇجمەل ئىزدەش، ئاتلىتىپ ئىزدەش،
كۆپ لۇغەتلەردىن ئىزدەش قاتارلىق ئىلغار ئىزدەش ئىقتىدارىغا
ئىگە بولغاندىن تاشقىرى، يەنە ئۈچ خىلدا مەشغۇلات قىلىش، ئىزدەلگەن
سۆزلۈكلەرنى خاتىرە قالدۇرۇش، سۆزلۈك ئامبىرى، جۈملە ئامبىرى
تۇرغۇزۇش، مىسال جۈملە ئىزدەش، خەت نومۇرىنى
چوڭايتىپ-كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش، سۆزلۈكلەرنى تەلەپپۇز قىلىپ بېرىش
قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە. ئېلېكترونلۇق لۇغەت سىستېمىسى
مەملىكىتىمىزدىكى ئېلېكترونلۇق لۇغەت، ئېلېكترونلۇق تىل ئۆگىنىش
ماشىنىسى ساھەسىدىكى ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن بولۇپ،
Unicode ئىچكى
يادرولۇق مەشغۇلات سىستېمىسى قوللىنىلغان، سىستېما ئىقتىدارلىرى ۋە
ئىچكى ماتېرىياللىرىنى بىۋاستە توردىن يېڭىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
قوشۇمچە ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش، ئېلكىتاب كۆرۈش، سۈرەت ئالبۇمى، دەرس
جەدۋىلى، ئىسىم كارتوچكىسى تۇرغۇزۇش، بىرلىكلەرنى ئايلاندۇرۇش،
دۇنيا ۋاقتىنى ھېسابلاش، قوڭغۇراق بىكىتىش، قاتارلىق قوشۇمچە
ئىقتىدارلارغان ئىگە. لۇغەتكە 512 مىگا بايتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ
ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا SD كارتا ئوقۇرى سەپلەنگەن،
ئىشلەتكۈچىلەر لۇغەت سىغىمنى
2G
غىچە كېڭەيتىپ ئىشلىتەلەيدۇ. لۇغەتنىڭ يۇمشاق دىتال ۋە قاتتىق
دىتالى كومپيۇتېر سىستېمىسىغا تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، مەشغۇلات
قىلىش ئوڭاي، ئېلىپ يۈرۈشكە قولاي. كەڭ
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ، تىل ئۆگەنگۈچى ھەۋەسكارلارنىڭ، جەمئىيەت
ھەر ساھە كىشلىرىنىڭ
پايدىلىنىشىغا باب كېلىدۇ.
2008-يىلى 4- ئايدا
شىركىتىمىزنىڭ ئىككىنچى مەھسۇلاتى بولغان، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ
مەكتەپ دەرسلىكىنى ماس قەدەملىك ئۆگىتىش ماشىنىسى- «مۇئەللىم كىتاب ئوقۇغۇچ EKO-2899»
ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىندى. بۇ مەھسۇلات ئارقىلىق نۆۋەتتە
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئۆتۈلىۋاتقان ئىنگلىز تىلى دەرسلىك
كىتاۋىنى ئىنگلىزچە-خەنزۇچە ئىككى ئاۋازدا ئوقۇتقىلى بولىدۇ، ھەمدە
ئاۋاز ئېلىش، تەلەپپۇزنى سېلىشتۇرۇش، ئوقۇش سۈرئىتىنى تەڭشەش
قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.
2008-يىلى 7-ئايدا
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا باب كېلىدىغان، لۇغەت
ئىقتىدارىنى ئاساس قىلغان «مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار لۇغىتى
EL108» ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىندى. بۇ لۇغەتكە
ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگلىزچە 3 خىل تىلدىكى 600 مىڭغا يېقىن سۆزلۈك
كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، لۇغەت ئىزدەش ئىقتىدارىدىن باشقا ئۆگىنىش
مەزمۇنلىرى، قامۇس ماتېرىياللىرى، ئىنگلىزچە دىئالوگ قاتارلىق
كىرگۈزۈلگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ لۇغەت ئىزدىشى ۋە تىل ئۆگىنىشىگە
قولايلىق مەھسۇلات.
2008-يىلى 10-ئاينىڭ 2- كۈنى
روزى ھېيىتتا شىركىتىمىز ئۆزىنىڭ بىر يىل قان-تەرىنىڭ مەھسۇلاتى
بولغان، ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى سېزىمچان، رەڭلىك ئېكرانلىق
ئېلېكترون لۇغەت-«مۇئەللىم سېزىمچان رەڭلىك ئېكرانلىق ئېلېكترون
لۇغەت M868»نى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا
سالدى. بۇ شىركىتىمىزنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بۆسۈش خاراكتىرلىك
نەتىجە ياراتقان مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئېلېكترون
لۇغەتلەر ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلېكترونچىلىقىنىڭ باشقا
مىللەتلەرنىڭ
ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا
ئاشۇردى، بۇ ئېلېكترون لۇغەتتە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگلىزچە 3
خىل تىلدا مەشغۇلات قىلغىلى، قارىمۇ-قارشى 9 يۆنىلىشلىك لۇغەت
ئىزدىگىلى، MP4، MP3
ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى قويغىلى بولىدۇ. كونۇپكا ئارقىلىقمۇ مەشغۇلات
قىلغىلىمۇ، بىۋاستە سېزىمچان ئېكرانغا قەلەم بىلەن چېكىپ مەشغۇلات
قىلغىلىمۇ بولىدۇ. شەخسلەر ياردەمچىسى ئىقتىدارى ئالدىنقى
لۇغەتلەردىن زور دەرىجىدە ئىلغارلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەخسلەر
خاتىرلىگەن مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش، ساقلاش، كومپيۇتېرغا
يوللاش، كومپيۇتېردىن لۇغەتكە يوللاش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى،
مىللى تىل يېزىقتىكى ئېلېكترون لۇغەتتە تۇنجى بولۇپ خەلقئارا
Unicode يېزىق ئۆلچىمى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
شىركىتىمىز كۆپ تىرىشچانلىق
كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ
ئوخشاش تۈردىكى باشقا تىللاردىكى ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرنىڭ
ئىقتىدارى بىلەن تەڭ سەۋىيىدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، مەھسۇلات
ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى مۇكەممەللىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ تۈپ
نىشانى قىلدى. شىنجاڭ بازارلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى
بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ھەر خىل تىپتىكى ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرنىڭ
ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىشلىتىشچانلىقىنى تېخىمۇ
ئاشۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ تىل ئۆگىنىشكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ۋە ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت
قىلدى.
«مۇئەللىم» ماركىسى
شىركىتىمىزنىڭ دۆلەت سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارسى
تەرىپىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان تاۋار ماركىسى. «مۇئەللىم» دىگەن
سۆز ئەرەبچە ئوقۇتقۇچى، ئۆگەتكۈچى، بىلىم بەرگۈچى دىگەن مەنىدە بولۇپ، كەلگۈسى بولغان ياش ئەۋلادلارنى تەربىيلەش
ئۈچۈن مىھنەتسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، كەڭ خەلقىمىزنىڭ ئىلىمگە بولغان
تەشنالىقىنى قاندۇرۇش يولىدا ئۈن-
تىنسىز جاپالىق خىزمەت
قىلىۋاتقان، ئىنسانىيەتنىڭ روھىي ئىنژىنىرى دەپ
تەرپلەنگەن سۆيۈملۈك
ئوقۇتقۇچى، ئۇستاز، مۇئەللىملەرگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش،
ئۇلار يورۇتقان مەرىپەت مەشئىلىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپمىزنى قوشۇش
ئۈچۈن بۇ سۆزنى تاۋار ماركىسى قىلىپ قوللاندۇق.
شىركىتىمىز يەنە ھەر قايسى
جايلاردا مۇئەللىم ئېلېكترون لۇغەتلىرىنى مەخسۇس سېتىش ئورنى ۋە
ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىشتىن
كىيىنكى مۇلازىمەت ئىشلىرىنى ياخشى قانات يايدۇردۇق، نۆۋەتتە
مەركىزى ناھىيە-شەھەرلەردە شىركەتنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى
مۇئەللىم مەخسۇس سېتىش ئورۇنلىرى 10 غا، ناھىيىلەردىكى ۋاكالىتەن
سېتىش نۇقتىلىرى 50 كە يەتتى. شىركىتىمىز مەھسۇلات سۈپىتىدە
ئىستىمالچىلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار «3 ھۆددە مەسئۇلىيەتنامىسى»
بويىچە ۋەدە بېرىپ، ھۆددە رېمۇنت مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلدى،
بۇ ئارقىلىق ئىستىمالچىلارنىڭ مەھسۇلاتىمىزغا بولغان ئىشەنچىسى
ئېشىپ، مۇئەللىم ماركىسى ۋە مۇئەللىم مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى
ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئىلگىرلىدى. ئىلگىر-كىيىن شىنجاڭ
تېلېۋىزىيىسى 2- قانال پەن ۋە مائارىپ پروگراممىسى، ئۈرۈمچى
تېلېۋزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد كۆزنىكى پروگراممىسى، شىنجاڭ
تېلېۋىزىيىسى 9- قانال مەھسۇلات ۋە بازار پروگراممىلىرىدا مەخسۇس
تونۇشتۇرۇلۇپ جەمئىيەتتە ياخشى تەسىر قوزغىدى. ھەر قايسى
گېزىت-ژۇرنال، مەتبۇئاتلاردا مۇئەللىم شىركىتى ۋە مەھسۇلاتلىرى
تونۇشتۇرۇلدى.
شىركىتىمىز
ئەھمىيەتلىك تۇنجى قەدەمنى ئەمدىلا تاشلىغان بولساقمۇ بۇ يولدىكى
مۇشەققەتلەر يەلكىمىزنى بېسىپ تۇرماقتا، تەرەققىيات پىلانلىرىمىزنى
ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ جەمئىيەتنىڭ،
ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىمىزنىڭ، بىر ساھەدىكى كەسپداشلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا كەڭ ئىستىمالچىلىرىمىزنىڭ بىزنى قوللىشىغا، يېقىندىن ياردەمدە
بۇلۇپ تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىگە
مۇھتاجمىز!
شىركىتىمىز تەرەققىيات
يولىمىزدا تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، چەتئەللەردىكى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ئېلېكترون كارخانىلىرىنىڭ ئىلغار نەتىجىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ،
سۈپەت ۋە تېخنىكىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقمىزنىڭ ئىشلىتىشىگە
باب كېلىدىغان مىللىي تىل يېزىقتىكى مائارىپ
خاراكتىرىدىكى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن داۋاملىق
ئىزدىنىدۇ.
ئىشىنىمىزكى، مۇئەللىمنىڭ
ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى سىزنىڭ تىل ئۆگىنىش ۋە باشقا بىلىملەرنى
ئۆگىنىشىڭىزدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە مۇئەللىملىك رولىنى جارى قىلدۇرغۇسى.