|
مۇئەللىم
ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى A5 بازارغا سېلىندى.
( 2010-
يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى)
شىركىتىمىز مەبلەغ ۋە تېخنىكا
جەھەتتە زور كۈچ سەرىپ قىلىپ ئىشلەپچىقارغان مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار
كومپيۇتېرى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى شىركىتىمىزنىڭ ھەر قايسى
جايلاردىكى سېتىش نۇقتىلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سېلىندى.
«مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار
كومپيۇتېرى A5»
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يانداش ئۆگىنىش كومپيۇتېرى
بولۇپ، ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، جەمئىيەتتىكى قوش تىل
ئۆگىنىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە باب كېلىدۇ. بۇ مەھسۇلات
ئاساسلىقى مەكتەپتە ئۆتۈلۈۋاتقان ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى،
ماتېماتىكا دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى چەكمە ئاۋازلىق ئوقۇتۇش، داڭلىق
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىن دەرسخانىسى، ئۇنېۋىرسال ئۆگىنىش، كارتونلۇق
ئۆگىنىش، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئۈچ تىللىق لۇغەت خەزىنىسى،
تەقلىدىي ئىمتىھان، ئىككىنچى دەرسخانا، كىتاب خەزىنىسى، تەجرىبىخانا،
كومپيۇتېر دەرسخانىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق دەرسلىككە يانداش ئۆگىنىش
ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شادلىق كىنوخانىسى،
ناخشا-مۇزىكا قويغۇچ، كارتون سەيناسى، سېھىرلىك ئۈنئالغۇ، ئوقۇغۇچىلار
كۇتۇپخانىسى، رەسىم ئالبومى، كىچىك رەسسام، ئەقىل-پاراسەت ئويۇنى،
خەتەرلىك ئويۇنلار، چاتما كارتونلار قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش
خاراكتىرىدىكى ئىقتىدارلارغا ۋە شۇنداقلا خاتىرە دەپتەر، دەرس سېتكىسى،
كالېندار، ھېسابلىغۇچ، قوڭغۇراق سائەت، بىرلىك ئالماشتۇرغۇچ ۋە پېرېۋوت
ئايرىۋاشلىغۇچ قاتارلىق شەخسلەر ياردەمچىسى ئىقتىدارىغا ئىگە.
بۇ ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرىنىڭ قاتتىق دىتال قىسمىنىڭ
ئىقتىدارىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، 360M
چاستوتىلىق 32 خانىلىك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 7 سۇڭلۇق سىزىمچان
ئېكران، 4G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، كومپيۇتېر
ئۆلچەملىك كۇنۇپكا تاختىسى، ئوپتىك مائۇس، توك قاچىلىغىلى بولىدىغان
لېتىيلىق باتارىيە ئىشلىتىلگەن. لۇغەت ئىچكى ساقلىغۇچىنى
32 غىچە كېڭەيتىشكە بولىدۇ. دەرسلىك ئوقۇتۇش
ۋە سىن قويۇش ئىقتىدارىنى تېلېۋېزورغا يوللاپ كۆرگىلى بولىدۇ.
ئىشىنىمىزكى بۇ مەھسۇلات نۆۋەتتىكى قوش تىللىق مائارىپ
ۋە ساپا مائارىپى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە مەدەت قوشۇپ،
ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق رولىنى
ئۆتىگۈسى.

|