باش بەت     شىركەت ھەققىدە      خەۋەرلەر     مەھسۇلات      چۈشۈرۈلمە      سېتىش نۇقتىلىرى        ئالاقىلىشىش      ئىختىساسلىقلار

مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى (A5)

 

ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى دەرسلىكلىرىنى چەكمە ئوقۇتۇش، دەرس تەكرارلاش، لۇغەت ئىزدەش، ئىككىنچى دەرسخانا ئىقتىدارىغا ئىگە يانداش ئۆگەتكۈ

   مەھسۇلات تونۇشتۇرىلىشى :

تىپى: A5

ئېكران چوڭلۇقى: 800x480 چىكىت، 7 سۇڭ 260 مىڭ رەڭلىك TFT رەڭلىك سىزىمچان ئېكران

كۆرسىتىش دائىرىسى: 25 قۇر (ھەر قۇردا 47 خەنزۇچە خەت)

كۇنۇپكا سانى: 81 دانە، كومپيۇتېر ئۆلچەملىك كۇنۇپكا تاختىسى، قەلەم بىلەن خەت كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

ئېغىرلىقى: 500گىرام

لۇغەت سىغىمچانلىقى: 4096 مىگابايت (4G)

كېڭەيتمە سىغىم كارتىسى: ئەڭ چوڭ بولغاندا 32G لىق SD/MMC كارتىسىنى قوللايدۇ.

لۇغەت چوڭ-كىچىكلىگى: 235mm x 165mm x 25mm

باتارىيە: 1600mAh، توك قاچىلىغىلى بولىدىغان لېتىي باتارىيە ئىشلىتىلگەن.

ئۇلىنىش شەكلى: USB ئېغىزى ئارقىلىق ماتېرىيال چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئوپتىك مائۇس قوللايدۇ.

توك مەنبەسى: 5V، بېسىم تەڭشىگۈچ ئارقىلىق توك تەمىنلىگىلى بولىدۇ.            

     

بۇ لۇغەتتە دەرسلىك ئوقۇتقۇ، ئۇنېۋىرسال ئۆگىنىش، ئىككىنچى دەرسخانا، لۇغەتلەر خەزىنىسى، شەخسلەر ياردەمچىسى قاتارلىق بەش چوڭ ئىقتىدار تەمىنلەنگەن بولۇپ، ھەر قايسى بۆلەكلەرنىڭ ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:

دەرسلىك ئوقۇتقۇ: بۇ ئىقتىدار بۆلىكى ئارقىلىق نۆۋەتتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆتۈلۈۋاتقان ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلى پەنلىرىنىڭ سكاننېرلانغان دەرسلىك ماتېرىيالىنى ئاۋازلىق چەكمە ئوقۇتقىلى بولىدىغان بولۇپ، دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىدۇ. ئاۋاز سۈپىتى ئېنىق، چەكمە ئوقۇش، پۈتۈن ئوقۇش، چۈشەندۈرۈش، تەكرار ئوقۇش، خام خەتنى لۇغەتتىن ئاتلىتىپ ئىزدەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە.

ئۇنېۋىرسال ئۆگىنىش: ئۇنېۋىرسال ئىزدەش، ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە، سىياسەت، تارىخ قاتارلىق پەنلەرنىڭ يانداش ئۆگىنىش پروگرامما بۆلەكلىرى، كارتونلۇق ئۆگىنىش، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار سىن دەرسخانىسى، تەقلىدىي ئىمتىھان، دىئالوگ قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.

 

ئىككىنچى دەرسخانا: بۇ بۆلەكتە ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە، سىياسەت، تارىخ قاتارلىق 9 خىل پەننىڭ مول مەزمۇنلۇق ئىككىنچى دەرسخانا ئىقتىدارلىرى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرىتقى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ساز-شاھمات، خەتتاتلىق-رەسساملىق بىلىملىرى، كومپيۇتېر دەرسخانىسى، ھېكايە باغچىسى. كىتاب خەزىنىسى، زېھىن سىناش، سۆز تۇتاشتۇرۇش، قامۇس بىلىملىرى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

لۇغەتلەر خەزىنىسى: بۇ قىسىمغا جۈملە تەرجىمان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى،ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تاق خەتلەر لۇغىتى، خەنزۇچە تاق خەتلەر، قەدىمكى خەنزۇ تىلى لۇغىتى، ئاسان ئارىلىشىپ كىتىدىغان خەتلەر لۇغىتى، ئاھاڭداش خەتلەر لۇغىتى، قارىمۇقارشى، مەنىداش سۆزلەر لۇغىتى، ئاسان خاتالىشىدىن خەتلەر لۇغىتى، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەبىئىي پەنلەر قوش تىللىق لۇغىتى، سەۋىيە سىناش سۆزلۈكى، ئىنگلىز مىليون سۆزلۈك لۇغەت، كارتونلۇق لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، خەنزۇچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، دەرىجە سۆزلۈكلىرى، فورمۇلا لۇغىتى، خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار لۇغىتى، رەسىملىك لۇغەت، رەسىملىك قامۇس، چۈشۈرۈلگەن لۇغەتلەر قاتارلىق ئۈچ خىل تىل، كۆپ خىل يۆنىلىشتىكى لۇغەتلەر قاچىلانغان.

ئويۇن دۇنياسى: بۇ بۆلەك لۇغەتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ھەم ئۆگىنىش خاراكتىردىكى بۆلىكى بولۇپ،شادلىق كىنوخانىسى، ناخشا-مۇزىكا قويغۇچ، كارتون سەيناسى، سېھىرلىك ئۈنئالغۇ، رەسىم ئالبومى، كىچىك رەسسام، ئەقىل-پاراسەت ئويۇنى، خەتەرلىك ئويۇنلار، چاتما كارتونلار ئىقتىدار بۆلەكلىرى تەمىنلەنگەن.

شەخسلەر ياردەمچىسى: بۇ بۆلەكتە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا زۆرۈر بولغان  خاتىرە دەپتەر، دەرس سېتكىسى، كالىندار، سائەت،  ھېسابلىغۇچ، ئايرىۋاشلىغۇچ، سىستېما بەلگىلەش قاتارلىق ئەمەلىي پروگراممىلار تەمىنلەنگەن.

 
 

مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى A5 بازارغا سېلىندى.

مۇئەللىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ 2010-يىللىق خىزمەت يىغىنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ۋاكالەتچىلەر يىغىنى چاقىرىلدى.

مۇئەللىم EL818 تىپلىق رەڭسىز ئېكرانلىق ئېلېكترون لۇغەت بازارغا سېلىندى.

مۇئەللىم «تىلچى» M900 تىپلىق سىزىمچان رەڭلىك ئېكرانلىق ئېلېكترون لۇغەت بازارغا سېلىندى.

«مۇئەللىم» تەرجىمان رەڭلىك ئېكرانلىق ئېلېكترون لۇغەت بازارغا سېلىندى.

«مۇئەللىم» ھەمراھ ئېلېكترون لۇغىتى بازارغا سېلىندى.

نۆۋەتتىكى مەھسۇلاتلار:

مۇئەللىم «ئايبىلىگ» لۇغىتى    M2000

مۇئەللىم «ئايبىلىگ» لۇغىتى        M8

مۇئەللىم چەكمە ئوقۇتقۇ          M100

مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى   A5

كۆپ تىللىق ئېلېكترون لۇغەت  EL818

سىزىمچان، كۆپ تىللىق لۇغەت  M900

رەڭلىك، كۆپ تىللىق لۇغەت    M630

رەڭلىك، سىزىمچان لۇغەت      M868

ھەمراھ ئوقۇغۇچىلار لۇغىتى     EL100

مۇئەللىم كىتاب ئوقۇغۇچ     EKO2899

 

شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتى

新 疆 穆 安 利 姆 电 子 科 技 公 司

پوچتا نومۇرى: 830000  فاكىس: 0991-8568211  تېلېفون: 0991-2865211

Email:tilqi@sina.com       备案/许可证编号: 新ICP备11002624号