باش بەت     شىركەت ھەققىدە      خەۋەرلەر     مەھسۇلات      چۈشۈرۈلمە      سېتىش نۇقتىلىرى        ئالاقىلىشىش      ئىختىساسلىقلار

مۇئەللىم «ئايبىلىگ» كۆپ تىللىق ئېلېكترون لۇغەت (M8)

 

مېنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆگىنىش ھەمراھىم ـ ئايبىلىگ

مەھسۇلات تونۇشتۇرىلىشى :

تىپى: M8

ئېكران چوڭلۇقى: 320x240 چىكىت، 2.8 سۇڭ

كۆرسىتىش دائىرىسى: 15 قۇر ( 25 خەنزۇچە خەت)

كۇنۇپكا سانى: 9 دانە

ئېغىرلىقى: 130گىرام (باتارىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

لۇغەت سىغىمچانلىقى: 4096 مىگابايت (4G)

كېڭەيتمە سىغىم كارتىسى: ئەڭ چوڭ بولغاندا 32G لىق TF كارتىسىنى قوللايدۇ.

لۇغەت چوڭ-كىچىكلىگى: 118mm x 13mm x 64mm

باتارىيە:  700mAh، لىتىيلىق باتارىيە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇلىنىش شەكلى: USB ئېغىزلىق

توك مەنبەسى: 3.4V-4.2V، بېسىم تەڭشىگۈچ ئارقىلىق توك مەنبەسىگە چاتقىلى بولىدۇ.

 

مەشغۇلات تىلى: بۇ ئېلېكترون لۇغەتنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر، ئىنگلىزچە لۇغەتلەر، قازاقچە لۇغەتلەر، كۆپ تىللىق لۇغەتلەر، ئويۇن ۋە قورالدىن ئىبارەت 6 بۆلەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

 

 

ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر: بۇ قىسىمغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت،خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تاق خەتلەر لۇغىتى، ئىدىئوم لۇغىتى، قەدىمكى خەنزۇ تىلى لۇغىتى، خەنزۇچە تاق خەتلەر لۇغىتى، خەنزۇچە ئىدىئوم لۇغىتى، خەنزۇچە سۆزلۈكلەر، سۆزلۈك ئامبىرى قاتارلىق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قوش يۆنىلىشتىكى لۇغەتلەر تەمىنلەنگەن. خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىپ بېرەلەيدۇ.

  

ئىنگلىزچە لۇغەتلەر: بۇ قىسىمغا ئىنگلىزچە-خەنزۇچە مىليون سۆزلۈك چوڭ لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-خەنزۇچە لۇغەت، خەنزۇچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، كارتون لۇغەت، رەسىملىك لۇغەت، رەسىملىك قامۇس، فورمۇلا لۇغىتى، ئېلمېنېتلار جەدۋىلى، ئىنگلىزچە سۆزلۈكلەر، سۆزلۈك ئامبىرى ۋە چۈشۈرۈلمە لۇغەتلەردىن ئىبارەت ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە يۆنىلىشتىكى لۇغەتلەر تەمىنلەنگەن. ئىنگلىزچە سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىپ بېرەلەيدۇ.

  

قازاقچە لۇغەتلەر: بۇ قىسىمغا قازاق تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، خەنزۇچە-قازاقچە لۇغەت، قازاقچە-خەنزۇچە لۇغەت، قازاقچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-قازاقچە لۇغەت، رۇسچە-قازاقچە لۇغەت، قازاقچە-رۇسچە لۇغەت، قازاقچە-رۇسچە (سىلاۋىيانچە)، رۇسچە-قازاقچە (سىلاۋىيانچە)، قازاقچە-ئىنگلىزچە (سىلاۋىيانچە)، ئىنگلىزچە-قازاقچە (سىلاۋىيانچە)، سۆزلۈك ئامبىرى قاتارلىق مول لۇغەت سۆزلۈكى تەمىنلەنگەن.

  

كۆپ تىللىق لۇغەتلەر: بۇ قىسىمغا ئەرەبچە، تۈركچە، ياپونچە، رۇسچە، ئۇيغۇرچە كۆپ تىللىق لۇغەتلەر تەمىنلەنگەن.

  

ئۆگىنىش: بۇ بۆلەككە ئىنگلىزچە-خەنزۇچە جۈملە تەرجىمان، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى سىن دەرسخانىسى، كارتون دەرسخانىسى، يانداش مەشىق، تەكرار باغچىسى، تەقلىدىي ئىمتىھان، يادنامە (سۆز يادلاش)، ئاڭلاش مەشىقى، دىئالوگ، تەلەپپۇز باھالاش، تېكست يادلاش، گرامماتىكا، جۈملە تۈزۈش، دەرىجە سۆزلۈكلىرى، چۈشۈرۈلمە سۆزلۈك، ترانسكىرىپسىيە، خەت مەشىقى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق ئۆگىنىش مەزمۇنلىرى تەمىنلەنگەن.

 

ئويۇن ۋە قورال: بۇ بۆلەك لۇغەتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ھەم ئۆگىنىش خاراكتىردىكى بۆلىكى بولۇپ، MP4 ۋىدېئو قويغۇچ، MP3 ناخشا مۇزىكا قويغۇچ، فلەش، ئۈنئالغۇ، ئېلكىتاب، رەسسام، سۈرەت ئالبومى، كاتىپ،  ئويۇن قاتارلىق ئىقتىدارلار كىرگۈزۈلگەن. شۇنداقلا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا زۆرۈر بولغان خاتىرىلەش، ھېسابلاش، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارلىرى تەمىنلەنگەن. بۇنىڭغا خاتىرە دەپتەر، تېلېفون دەپتىرى، كۈندىلىك خاتىرە، پىلان جەدۋىلى، دەرس جەدۋىلى، ئىگىلىك ئۇچۇرى، شەخسى ھېسابات، كالىندار، سائەت، سىكوندۇمېر، تايمېر، ھېسابلىغۇچ، ئالماشتۇرغۇچ قاتارلىق ئەمەلىي پروگراممىلار تەمىنلەنگەن. بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق سىستېمىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان بولۇپ، كونۇپكا بەلگىلەش، قوزغىلىشنى بىكىتىش، توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش، ئاۋاز تەڭشەش، خاسلىقنى بىكىتىش، شىفىر بىكىتىش، تەكرارلاش ئىقتىدارىنى بەلگىلەش، تېز ئىجرا بىكىتىش، سىستېما تىلىنى تاللاش،  قاتارلىق قىسىملار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

 

  

يۇمشاق دېتال ئالاھىدىلىكى:

بۇ ئېلېكترون لۇغەتنىڭ پروگرامما سىستېمىسىغا Unicode ئىچكى يادرولۇق، 32 خانىلىك مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سۈرئىتى تېز، ئىقتىدارى تۇراقلىق. پروگرامما ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغىلى ۋە يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

رايونىمىزدا ئىشلىتىلىۋاتقان مىللى تىل يېزىقلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق يانداش ئۆگەتكۈ قاتتىق دىتالىدا تۇنجى قېتىم ھەل قىلىنىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە يېزىقىنى كىرگۈزۈش، تېكست ھالەتتە بېۋاستە ساقلاش،كۆرسىتىش، كومپيۇتېرغا چىقىرىش چىقىرىش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

 

 
 

مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى A5 بازارغا سېلىندى.

مۇئەللىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ 2010-يىللىق خىزمەت يىغىنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ۋاكالەتچىلەر يىغىنى چاقىرىلدى.

مۇئەللىم EL818 تىپلىق رەڭسىز ئېكرانلىق ئېلېكترون لۇغەت بازارغا سېلىندى.

مۇئەللىم «تىلچى» M900 تىپلىق سىزىمچان رەڭلىك ئېكرانلىق ئېلېكترون لۇغەت بازارغا سېلىندى.

«مۇئەللىم» تەرجىمان رەڭلىك ئېكرانلىق ئېلېكترون لۇغەت بازارغا سېلىندى.

«مۇئەللىم» ھەمراھ ئېلېكترون لۇغىتى بازارغا سېلىندى.

نۆۋەتتىكى مەھسۇلاتلار:

مۇئەللىم «ئايبىلىگ» لۇغىتى    M2000

مۇئەللىم «ئايبىلىگ» لۇغىتى        M8

مۇئەللىم چەكمە ئوقۇتقۇ          M100

مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى   A5

كۆپ تىللىق ئېلېكترون لۇغەت  EL818

سىزىمچان، كۆپ تىللىق لۇغەت  M900

رەڭلىك، كۆپ تىللىق لۇغەت    M630

رەڭلىك، سىزىمچان لۇغەت      M868

ھەمراھ ئوقۇغۇچىلار لۇغىتى     EL100

مۇئەللىم كىتاب ئوقۇغۇچ     EKO2899

 

شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتى

新 疆 穆 安 利 姆 电 子 科 技 公 司

پوچتا نومۇرى: 830000  فاكىس: 0991-8568211  تېلېفون: 0991-2865211

Email:tilqi@sina.com       备案/许可证编号: 新ICP备11002624号