|
مۇئەللىم ئېلېكترونلۇق لۇغىتىنى ئىشلىتىش
توغرىسىدا سوئال-جاۋابلار
1.
«مۇئەللىم» 828 تىپلىق ئېلېكترون لۇغىتىنى كومپيۇتېرغا قانداق
تونۇتىمىز:
جاۋاب: لۇغەت قوزغىتىغلىق ھالەتتە كونۇپكا
تاختىسىدىن 4 رەقىمىنى باسىمىز، چىققان تىزىملىكتىن ئىشلەتكۈچى كۆچمە
دىسكىسى D نى تاللايمىز، ئەگەردە سېلىنغان
SD كارتىسىنى كومپيۇتېرغا تونۇتماقچى بولساق
E دىسكىنى تاللاپ، [مۇقىملاش] كونۇپكىسىنى
باسىمىز.
2.
«مۇئەللىم» 868، 630، 900 تىپلىق رەڭلىك ئېكرانلىق لۇغەتنى كومپيۇتېرغا قانداق
تونۇتىمىز؟
جاۋاب: لۇغەت قوزغىتىلغان ھەمدە
USB سىمى ئارقىلىق كومپيۇتېرغا چېتىلغان
ئەھۋالدا، كونۇپكا تاختىسىدىن U دىسكا ياكى
USB دىگەن
كونۇپكىنى باسىمىز. بۇ چاغدا كومپيۇتېر ئاپتوماتىك تونۇپ دىسكا
لوگىكىلىق بەلگىسىنى كومپيۇتېردا كۆرسىتىدۇ.
3.
لۇغەت كۆچمە دىسكىسىنى فورماتلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟
جاۋاب: 1) شەخسىلەر ساقلىغان ۋە چۈشۈرگەن
بارلىق ماتېرىياللار ئۆچۈپ كىتىدۇ، شۇڭا زۆرۈر تېپىلمىغاندا
فورماتلىماسلىق كىرەك. فورماتلىغاندا مۇھىم ماتېرىياللارنى زاپاس
ئېلۋېلىش كېرەك.
2) فورماتلىغاندىن كىيىن ئىشلەتكۈچىلەر
دىسكىسىدىكى ئەسلى زاۋۇتتىن چىققاندا قاچىلاپ قويۇلغان ئالدىن
قاچىلانغان ماتېرىياللار ئۆچۈپ كىتىدۇ. (لۇغەت ئىچكى ماتېرىياللىرى ۋە
لۇغەتلەر ئۆچۈپ كەتمەيدۇ)، شۇڭا فورماتلانغاندىن كىيىن بۇ
ماتېرىياللارنى تەمىنلەنگەن نۇر دىسكىدىن ياكى تور بىكىتىمىزدىن
چۈشۈرۈپ ئەسلى ئورونغا كۆچۈرۈپ قويۇش كىرەك.
3) لۇغەتنى كۆچمە دىسكىسىنى چوقۇم
FAT فورماتىدا فورماتلاش كىرەك.
FAT32 ياكى NTFS
فورماتىدا فورماتلاشقا بولمايدۇ، بولمىسا لۇغەتنى كومپيۇتېرغا
تونۇتقىلى بولمايدۇ ياكى باشقا نورمالسىزلىقلار كۆرۈلىدۇ.
4.
ئېلېكترون لۇغەتمۇ ۋېرۇستىن يۇقۇملىنامدۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە يۇقۇملىنىدۇ،
لۇغەتنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى ئادەتتە سىستېما دىسكىسى ۋە ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلەتكۈچىلەر
رايونى دەپ ئىككى رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، سىستېما رايونى ئادەتتە
قۇلۇپلانغان بولۇپ ۋېرۇس يۇقالمايدۇ ھەمدە ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۆچۈپ
كەتمەيدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر رايونى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ماتېرىيال چۈشۈرۈپ
پايدىلىنىشىغا بېرىلگەن بولۇپ، كومپيۇتېردىن ئاسانلا ۋېرۇس يۇقۇشى
مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا
كۆچمە دىسكا (ئادەتتە سىغىم كارتىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) نى ئىشلىتىش جەريانىمۇ ۋېرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى
مۇمكىن. ۋېرۇس يۇقۇملانغان ھالدا كۆپىنچە پروگراممىلار قالايمىقان
بولۇپ كىتىش، قېتىۋىلىش، نورمال ئىشلىمەسلىك، قايتا قوزغىلىپ
كىتىش، سىستېما ئېغىرلىشىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ۋېرۇستىن مۇداپىئە قىلىش،
ۋېرۇس يۇققان بولسا دەرھال كومپيۇتېردىكى ۋېرۇس تازىلاش قورالى
ئارقىلىق تازىلاش كىرەك.
5.
چۈشۈرۈلگەن ماتېرىياللار قەيەرگە قاچىلىنىدۇ؟
جاۋاب: ئادەتتە لۇغەتتىكى ھەر بىر بۆلەك
پروگراممىنىڭ ھۆججەت شەكىللىرى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بۇلارنى ئۆزىنىڭ
ماس مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈش كىرەك، پروگرامما قوزغىتىلىپ ھۆججەتنى
ئىزدىگەندە ئۆزىنىڭ شۇ مۇندەرىجىسىدىن ئىزدەش ئېلىپ بارىدۇ، باشقا
مۇندەرىجىدىن ئىزدەپ تاپالمايدۇ. شۇڭا توردىن چۈشۈرۈلگەن تۈرلۈك
شەكىلدىكى ھۆججەتلەرنى لۇغەتنىڭ ماس مۇندەرىجىسىگە قاچىلغاندا ھەم تېز
ئىجرا قىلغىلى ھەم ئىزدەش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
6.
ئېلكىتاب پروگراممىسى قانداق شەكىلدىكى ھۆججەتنى قوللايدۇ؟
جاۋاب: مۇئەللىم ئېلېكترون لۇغىتىدىكى
ئېلكىتاب ئىقتىدارى Unicode فورماتىدىكى
TXT ھۆججىتىنى
قوللايدىغان بولۇپ، ئەلكاتىپ، ئويغان، ئەلپىدا قاتارلىق يۇنىكودلۇق
كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى بىۋاستە تېكست
ھالەتتە ساقلاپ، لۇغەتنىڭ ماس مۇندەرىجىسىگە قويساق بولىدۇ.
بۇ خىل ھۆججەتنىڭ سىغىمى كىچىك، خەلقئارادا
كۆپ قوللىنىلىدىغان ھۆججەت شەكلى بولۇپ، مۇئەللىم لۇغىتىدە بۇ خىلدىكى
ھۆججەتنى كۆرۈش مۇكەممەل ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
7.
رەڭلىك ئېكرانلىق لۇغەت قانداق شەكىلدىكى ۋېدىئو ھۆججەتلىرىنى
قوللايدۇ؟
جاۋاب: AVI،
MP4، 3GP
شەكلىدىكى ۋېدىئولارنى قوللايدۇ، بۇ ھۆججەتلەرنى تەييارلاشتا مۇئەللىم
نۇر دىسكىسىدا تەمىنلەنگەن سىن ئۆزگەرتىش قورالى ئارقىلىق لۇغەتكە ماس
ئىكران شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ ئاندىن لۇغەتكە كۆچۈرگەندە ئاندىن نورمال
قويغىلى بولىدۇ.
8. ئېلېكترون لۇغەتنىڭ SD/TF
كارتا ئوقۇرىغا قۇرۇق كارتا ئوقۇغۇچنى سېلىپ قويۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب:
بولمايدۇ، ئېلېكترون لۇغەت ئوقۇرىغا قۇرۇق كارتا ئوقۇغۇچ سېلىنغان
ھالەتتە ئوخشاشلا كارتا ئوقۇغۇچنى ئىزدەيدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم سانلىق
مەلۇمات ياكى ھۆججەت ئاختۇرغاندا كارتا ئوقۇغۇچ ئوقۇش ھالىتىدە بولىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالدا قېتىۋىلىش، سۈرئەت ئاستىلاپ كىتىش، قايتا قوزغىلىش
ئەھۋاللىرى كۆرۈلىشى مۇمكىن. شۇڭا قۇرۇق كارتا ئوقۇغۇچنى سېلىپ
قويماسلىق كېرەك.
9.
مۇئەللىم ئېلېكترون لۇغەتلىرىگە كومپيۇتېردا
ئۆزىمىز تەييارلىغان سۆزلۈكنى قوشۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: مۇئەللىم
ئېلېكترون لۇغەتلرىنىڭ ھازىرغا قەدەر بولغان 828، +828، 100، 868، 630،
900، 818 تىپلىق لۇغەتلىرىگە ئىستىمالچىلار ئۆزلىرى كومپيۇتېردا
تەييارلىغان سۆزلۈكنى قوشۇپ ئىشلىتەلەيدۇ. يەنى شىركىتىمىز تەمىنلىگەن
مەخسۇس چۈشۈرۈلگەن لۇغەتلەرنى ياساش قورالى ئارقىلىق سۆزلۈكنى لۇغەت
قوللايدىغان شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ، لۇغەتنىڭ
下载词典 مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈپ، بۇ ئورۇندىن
ئېچىپ پايدىلانغىلى بولىدۇ. لۇغەت ياساش قورالىنى تور بىكىتىمىزنىڭ
چۈشۈرۈلمە سەھپىسىدىن چۈشۈرۈپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
كېينكى بەت
|